شى جىنپىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلىتىنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان يېقىنلىقى بەس – مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە موسكۋادا زىيارەتتە بولىدۇ.

1961374
شى جىنپىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بايانات بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20- مارتتىن 22 - مارتقىچە موسكۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى —  كىرېمىل سارىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ پۇتىن بىلەن شىنىڭ «رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بەزى مۇھىم ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

بۇ شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ زىيارەت خىتاينىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانى بەس – مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت مۇساپىسىدە بېيجىڭ – موسكۋا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر