ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قارادېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون رۇسىيە تەرىپىدىن قارادېڭىز تەۋەلىكىدە چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1959959
ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قارادېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون باياناتچىسى بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر، قارا دېڭىز ئاسمىنىدا رۇسىيە ئايروپىلانلىرى سوقۇۋەتكەن ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئۇچقۇچىسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ Su-27 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىز ئاسمىندا رازۋېدكا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئامېرىكانىڭ MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

رايدېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئىككى ئايروپىلانىنىڭ MQ-9 غا 30-40 مىنۇت ئەتراپىدا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى، بۇ خىل توراش ۋەقەلىرى پات – پاتلا يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، بۇنداق خەتەرلىك ۋە كەسپىي بولمىغان توراش ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە قالدۇقلارنى سۈزۈپ چىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان-بېرىلمايدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىغان رايدېر، رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قالدۇقلىرىنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پاراكەندىچىلىك سېلىش جەريانىدا رۇسىيە ئايروپىلانلىرى بىلەن سىمسىز ئالاقە ئورنىتىلمىغانلىقىنى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچقۇچىسىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغان MQ-9 نى قارا دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا گېنېرالى يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قالدۇقىنى چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا تۈركىيە ۋە رايوندىكى باشقا ئىتتىپاقداشلار بىلەن تېخى ئالاقە ئورنىتىلمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەرنى ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى: «بىز خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. قارا دېڭىز ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس. دۇنيانىڭ بۇ رايونىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشتىن بۇرۇن رۇسلارغا مەلۇم قىلىشتەك بىر مەجبۇرىيەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قورال ئىشلەتمىدى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئالاقە ئورناتمىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر