لىتۋانىيە «ۋاگنېر» نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلدى

لىتۋانىيە پارلامېنتى ئۇكرائىنادا پائالىيەت قىلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ ياللانما بىخەتەرلىك شىركىتى «ۋاگنېر» نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلىش قارارىنى ئېلان قىلدى.

1960328
لىتۋانىيە «ۋاگنېر» نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: لىتۋانىيە پارلامېنتىنىڭ «ۋاگنېر» توغرىسىدىكى قارارىدا، «ۋاگنېر» نىڭ ئۇكرائىنادا، «تېررورلۇققا باراۋەر» دەپ قارىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تاجاۋۇزچى (رۇسىيە) بىلەن بىللە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاراردا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان كارخانىچى يېۋگېننىي پرىگوجىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن خۇسۇسىي ھەربىي شىركەت «ۋاگنېر» ئۈچۈن «رۇسىيەنىڭ كۆلەڭگە ھەربىي كۈچى» دېگەن سۆز ئىشلىتىلدى.

قاراردا يەنە «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىلگەن بۇ شىركەت گۇرۇپىسىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، سۇدان ۋە مالى قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «دۆلەت ھالقىغان جىنايەت تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باشقا دۆلەتلەرمۇ «ۋاگنېر» نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى پرىگوجىن تېلېگرامما ئادرېسىدا بۇ قارارغا جاۋاب بېرىپ: «لىتۋانىيە بىر مىكرو دۆلەت، لىتۋانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەتتا قوشنا دۆلەتلەردىن لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە ئاھالىلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېدى.

پرىگوجىن بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ «ۋاگنېر» نىڭ خىزمىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر