فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستو جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1960094
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىئىنىستونىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 16 -، 17- مارت كۈنلىرى تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 17-مارت جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، سۆھبەت ئەسناسىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىن باشقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ مادرىد باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئاساسىدا، فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا قوللاۋاتقان مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورچىلارنى قوللاشنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. ئەنقەرە نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشمدىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر