ئامېرىكادا مېكسىكاغا بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتى مەسئۇللىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرى سەۋەبىدىن باھار پەسىللىك دەم ئېلىش ۋاقتىدا مېكسىكاغا بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1958657
ئامېرىكادا مېكسىكاغا بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېكساس جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مېكسىكاغا بارغانلار ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېكساس جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ستېۋېن م ك كروۋ (Steven McCraw) مېكسىكادىكى زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «كىشىلەرنى بۇ مەزگىلدە مېكسىكاغا ساياھەتكە بارماسلىققا چاقىرىمىز» دېدى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆتكەن ھەپتە تۆت ئامېرىكالىق مېكسىكا چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. تۇتۇپ كېتىلگەن ئامېرىكالىقلاردىن ئىككىسى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككىسى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

بىر بازاردا كىيىم-كېچەك سېتىش ئۈچۈن مېكسىكاغا بارغان ئۈچ نەپەر ئامېرىكالىق ئايالنىڭمۇ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقى بىلىنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر