سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فەرخان ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ «بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

1958762
سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوللىشىدىكى «شەرقۇل ئەۋسات گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فايسال بىن فەرخان: «ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم مەسىلىلەرنى دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى ئورتاق ئارزۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىككى ئاي ئىچىدە ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن باشلاشقا تەييارلانغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدە، خىتاينىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رايوندا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە، بېيجىڭ، تېھران بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار» دېدى.

ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن باشلاش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم، 10-مارتتا ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق بايانات بىلەن بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2016-يىلى 2-يانۋار شىئە دىنىي رەھبەر نىمر ئەلنىمرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشى «تېررورلۇق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئىران ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئارقىمۇ ئارقا باياناتلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا ۋە مەشھەدتىكى كونسۇلخانا بىنالىرىغا ئىران نامايىشچىلىرى تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. 2015-يىلى مارتتا باشلانغان يەمەندىكى كىرىزىس سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا يىرىكلەشكەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر