ئىراندا پارتلاش يۈز بېرىپ، بەش كىشى قازا قىلدى

ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىدە بىر بىنادا پارتلاش  يۈز بېرىپ، بەش كىشى قازا قىلدى ۋە ئىككى كىشى يارىلاندى.

1958395
ئىراندا پارتلاش يۈز بېرىپ، بەش كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي ئەزەربەيجان جىددىي قۇتقۇزۇش ئىدارىسى باياناتچىسى ۋاھىد شادى ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) غە بەرگەن باياناتىدا، تەبرىزنىڭ مانزارىيە رايونىدىكى بىر بىنادا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.  

ۋاھىد شادى: «تەبرىزنىڭ مانزارىيە رايونىدىكى پارتلاش سەۋەبىدىن بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 2ئىككى كىشى يارىلاندى» دېدى.

ۋاھىد شادى پارتلاشنىڭ ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئۆيلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان خاربىلىقتا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىرانلىق مەسئۇللار پارتلاشنىڭ سەۋەبىگە دائىر تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر