ئىراندا كوللىكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق 100 دىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى

ئىراندا كۆپىنچىسى قىزلار مەكتەپلىرىدە يۈز بەرگەن ۋە نامايىشلارغا سەۋەب بولغان كوللىكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق 100 دىن ئارتۇق كىشى ئېنىقلىنىپ نازارەتكە ئېلىندى.

1958383
ئىراندا كوللىكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق 100 دىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، تېھران، قۇم، زىنجان، خۇزىستان، ھامادان، فارس، گىلان، غەربىي ئەزەربەيجان، شەرقىي ئەزەربەيجان، كۇردىستان ۋە رەزەۋى خوراسان ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەردە يۈز بەرگەن كوللىكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق 100 دىن ئارتۇق گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قولغا ئېلىنغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ دۈشمەنلىك مۇددىئاسى بار كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ كىشىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قورقۇنچ ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

 ئىراندا 2022 - يىلى 30 - نويابىردىن بۇيان ئاساسەن دېگۈدەك قىزلار مەكتەپلىرىدە كوللىكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ كەلمەكتە. ئوقۇغۇچىلاردا نەپەس ئېلىشتا قىيىنلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، باش ئاغرىش ۋە پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەكتە.

ھازىرغىچە 238 مەكتەپتە 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر