ئىراندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق بەش كىشى تۇتۇلدى

ئىراننىڭ فارس ئىشتاتىدا بەش كىشىنىڭ مەكتەپلەرگە زەھەرلىك گاز قويۇپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1956558
ئىراندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق بەش كىشى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سەئىد مۇنتازارۇلمەھدى پۈتكۈل مەملىكەتتە ئەندىشە قوزغىغان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك گۇماندارلارنى تۇتۇشنىڭ تۇنجى تەپسىلاتلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان.

ئۇ: «ئۈچ ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى، فارس ئۆلكىسىنىڭ لارىستان رايونىدا قىزلار مەكتىپىنىڭ بېغىغا زەھەرلىك ماددىلارنى تاشلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى» دېدى.

ئۇ گۇماندارلارنىڭ رايوندىكى يەتتە مەكتەپنىڭ بېغىغا ئازوت گازى قاچىلانغان ماددىنى ئاتقانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇتۇلغان ئۈچ ئايالنىڭ 53 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ، ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن «ئىران ئىنتېرناتسىيونال» تېلېۋىزىيەسىگە ئەۋەتىپ بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ گۇماندارلارنىڭ سوراق جەريانىدا ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ «ئىران ھۆكۈمىتىگە بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە مەكتەپلەردە ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مىجىت مىراھمەدى تۈنۈگۈنكى (7-مارت) باياناتىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە زەھەرلىنىشىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى بايقالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەش ئشتاتتىكى ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران پارلامېنتىدا زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ھەسەن ئاسفەرىمۇ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، 2022-يىلى 30-نويابىردىن باشلاپ 25 ئىشتاتتىكى 230 مەكتەپتە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قىزلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر