ئالجىرىيە بىر ژۇرنالدا بېسىلغان خەرىتە سەۋەبىدىن ماراكەشنى ئەيىبلىدى

ئالجىرىيە زېمىنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ماراكەشنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن بىر خەرىتىنى باسقان ماروك ھېبدو «Maroc Hebdo» ژۇرنىلى ئۈستىدىن رابات ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1955979
ئالجىرىيە بىر ژۇرنالدا بېسىلغان خەرىتە سەۋەبىدىن ماراكەشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە ئا پ س (APS) ئاگېنتلىقى ماراكەش خان جەمەتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ماروك ھېبدو ژۇرنىلىنىڭ نامىنى تىلغا ئالماستىن، «شېھىتلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان زېمىنلارنىڭ بىر غىرىچىغا قولىنى سوزغانلارنىڭ ۋاي ھالىغا!» دېگەن سەرلەۋھىدە ماقالە ئېلان قىلدى.

ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ ئۆز ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرۇۋېتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ماقالىدە، ھاكىمىيەتكە يېقىن تاراتقۇلارنى ئالجىرىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا كۈشكۈرتۈش بىلەن ماراكەش ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ماقالىدە، «شېھىتلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئالجىرىيە زېمىنلىرىنى سۈنئىي ھالدا چېگرا بەلگىلىگەن ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ بىر پارچىسى»  قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ، ماراكەشنىڭ «كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى»  نىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ماقالىدە، ئالجىرىيەگە قارىتىلغان بۇ «تەتۈر تەشۋىقات» مەنبەلىرىنىڭ ماراكەش پادىشاھلىقىدىن يوليورۇق ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ماقالىدە، ماراكەشنىڭ «كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى»  نىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە، ياكى تارىخىي ھەقىقەتلەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر «پاتولوگىيەلىك ئۇسۇلى» نىڭ غەربىي رايوندا ئىتتىپاقلىق ۋە سەمىمىيەتكە بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلارغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ماراكەشنىڭ ئالجىرىيە ياكى باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ قالغان نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنىدىمۇ كۆزى بارلىقى بايان قىلىنغان ماقالىدە، ماراكەش ئاساسىي قانۇنىدىن ئورۇن ئالغان «ھەقىقىي چېگرا» ئۇقۇمىنىڭ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگەللىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ماقالىدە، ماراكەشنىڭ غەربىي سەھرايى كەبىرنى «ئىشغال قىلغانلىقى»، ماۋرىتانىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى سەۋەبىدىن كېچىكىپ ئېتىراپ قىلغانلىقى، 1963-يىلى ئالجىرىيەگە قارشى باشلىغان رىمال ئۇرۇشى بىلەن ئالجىرىيە زېمىنىنى ئىگەللىۋالماقچى بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە «ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى» ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراش بىلەن ئەيىبلەندى.

«بۇ ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالجىرىيەلىكلەر مىليونلارچە شېھىتلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن زېمىنىغا قولىنى سوزغان ماراكەشنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بولغان يوشۇرۇن ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دۈشمەنلىكىنى باشقا ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ. شېھىتلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان زېمىننىڭ بىر غىرىچىغا قولىنى سوزغانلارنىڭ  ۋاي ھالىغا!» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر