شولز: خىتاينى ئاگاھلاندۇردۇق

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىناغا داۋاملىق ئىقتىسادىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قورال-ياراغ ياردەملىرىنى قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1955317
شولز: خىتاينى ئاگاھلاندۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى (2022) 24-فېۋرالدا باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆزى كۈتكەندەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ كۈچى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغان دوستلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى خاتا ھېسابلاپ قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنادا بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇكرائىناغا داۋاملىق ئىقتىسادىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قورال-ياراغ ياردەملىرىنى قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنالىقلار بولماي تۇرۇپ ھېچقانداق قارار ئېلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشى ۋە ئىمپېرىيالىست خاراكتېرلىك ئۇرۇشقاقلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك. مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسى» دېدى.

ئۇ يەنە، خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىن قورال-ياراغ، ھەربىي ئوق-دورىلار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، رۇسىيەگە قورال-ياراغ بېرىش مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى، خىتاينى رۇسىيەگە قورال بەرمەيدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر