پېرۇدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا 10 ئەسكەر يارىلاندى

پېرۇدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 10 ئەسكەرنى قوشقاندا جەمئىي 26 كىشى يارىلاندى.

1955362
پېرۇدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا  10 ئەسكەر يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇنىڭ پونو رايونىدا يولغا توسۇق ئورنىتىپ چاق كۆيدۈرگەن نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ۋەقەدە، 10 ئەسكەر ۋە 16 نامايىشچى يارىلاندى، نۇرغۇن كىشىلەر قولغا ئېلىندى.

ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ ۋە  يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىپ تارقىتىۋەتمەكچى بولدى. نامايىشچىلار ساقچىلارغا مولوتوف بومباۋە تاش ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.

پايتەخت لىمادىمۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە يەرلىك خەلقلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

جۇلى شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان نامايىشچىلار، بىر ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ بەردى.

پېرۇ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى 11- دېكابىردىن بۇيانقى نامايىشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 64 كە ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 1800 گە يەتكەن.

نامايىشچىلار پىرېزىدېنت دىنا بولۇئارتېنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى، پارلامېنتنىڭ تاقىلىشىنى ۋە دەرھال مۇدەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پېرۇدىكى نامايىشلار سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ 2022-يىلى 7- دېكابىردا پارلامېنت تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر