ئوستىن مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا باشلىنىدىغان مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنىڭ ئىران مەسىلىسىنى مەركەز قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1954816
ئوستىن مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت  مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مۇداپىئە ئەمەلدارى ئوستىننىڭ زىيارىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مىنىستىر ئوستىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوستىنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكالىق ئەمەلدار: «بىز ئىراننىڭ زوراۋانلىق تەرەپدارى ۋاكالەتچىلىرىنى قوراللاندۇرۇشى، مەشىق قىلدۇرۇشى، مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى، دۆلەت ھالقىغان ۋاكالەتچىلەرنى پەيدا قىلىپ، رايوندىكى كۈچلىرىمىزگە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق شېرىكلىرىمىزگە تەھدىت سېلىشى، مەيلى تور تەھدىتى، يەككە يۆنىلىشلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى قاتارلىق تەھدىتلىرىگە قارشى ئىزدىنىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ مىنىستىر ئوستىننىڭ ئامېرىكانىڭ رايوندىكى شېرىكلىرى بىلەن ئىران پەيدا قىلغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوستىننىڭ يەنە، رۇسىيە -ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىران بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەمكارلىق ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر ئەمەلدار، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى (پەلەستىن) غەربىي قىرغاقنىڭ  نابلۇس شەھىرىدىكى زوراۋانلىق توغرىسىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئوستىننىڭ ئىسرائىلىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەلدار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى ناھايىتى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان بايراملاردىن (پاسخا بايرىمى ۋە زور ھيېتىدىن) بۇرۇن تىنچلىقنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر