فىلىپپىندا  تېببىي تىك ئۇچار ئايروپىلان يوقاپ كەتتى

فىلىپپىندا بىر بىمار ۋە سېستىرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئادەمنى ئېلىپ ماڭغان بىر تېببىي تىك ئۇچار يوقاپ كەتتى.

1953708
فىلىپپىندا  تېببىي تىك ئۇچار ئايروپىلان يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن خەلق ئاۋىياتسىيە  دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچقۇچى، بىمار، ئىككى مۇلازىمەتچى ۋە سېستىرا قاتارلىق بەش ئادەمنى ئېلىپ ماڭغان تېببىي تىك ئۇچار پالاۋان رايونىدىكى بىر دوختۇرخانىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن.

ۋەقەدىن كېيىن،  تېببىي تىك ئۇچارنى ھاۋا ۋە دېڭىزدا ئىزدەش باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تېببىي تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى  سېستىرادىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى  فىلىپپىنلىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر