تالىبان تېھران ئەلچىخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

ئافغانىستاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسى تالىبان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

1951819
تالىبان تېھران ئەلچىخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇلقاھھار بەلخى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تۋىتتېر ئادرېسىدا ئىران پايتەختى تېھراندىكى ئافغانىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئافغانىستاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسىغا يېڭى مەسلىھەتچى ۋە دىپلوماتلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن ئەلچىخانا خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلار ئەلچىخانا بىناسىنى بوشاتتى. تۈركمەنىستان، پاكىستان،رۇسىيە ۋە خىتايدىكى ئافغانىستان ئەلچىخانىلىرى ئۆتكەن يىلى (2022) تالىبانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ دۆلەتلەر ئافغانىستان ئەلچىخانىلىرىنى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت ھازىرغىچە تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتراپ قىلمىدى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئافغانىستان ئەلچىخانىلىرىدا بولسا، ئىلگىرىكى سابىق ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتلىرى تۇرماقتا.

تالىبان 2021-يىلى 15-ئاۋغۇست ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئىگەللىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر