سىسى بىلەن زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ۋە يېمەك-ئىچمەك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەلسىسى بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1950867
سىسى بىلەن زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ۋە يېمەك-ئىچمەك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى سىسى بىلەن زېلېنسكىينىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەردىن باشقا، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى دىيالوگ ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مىسىر يىللىق بۇغداي ئېھتىياجىنىڭ %80 نى ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ كۆپ بۇغداي ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

مىسىر يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىسىر ئۆتكەن يىلى (2022) 13.3 مىليون توننا بۇغداي ئىمپورت قىلغان. بۇنىڭ 8.96 توننىسىنى ئەڭ چوڭ ئاشلىق تەمىنلىگۈچىسى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان.

تۈركىيە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىغا ۋە ئاشلىق توشۇش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ب د ت بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكى سايىسىدا، ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى 2022-يىلى 22-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر