G7 دۆلەتلىرى بۇ يىل ئۇكرائىناغا 39 مىليارد دوللار ياردەم قىلىدۇ

G7 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانىڭ ئېھتىياجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خامچوت ۋە ئىقتىسادىي ياردەم ۋەدىسىنى 2023-يىلى ئۈچۈن 39 مىليارد دوللارغا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1950779
G7 دۆلەتلىرى بۇ يىل ئۇكرائىناغا 39 مىليارد دوللار ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەشكل تاپقان G7 دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ھەمدە مەركىزىي بانكالىرىنىڭ باشلىقلىرى ، ھىندىستاننىڭ بېنگالۇرۇ شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندىن كېيىن، ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا، ئۇرۇش ۋە رۇسىيەنىڭ ئاشلىق بىلەن ئېنېرگىيەنى قورال ئورنىدا پايدىلىنىشى سەۋەب بولغان دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش تەكىتلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم ۋەدىمىزنى 39 مىليارد دوللارغا چىقاردۇق» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئۇكرائىنانىڭ مۇھىم ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئورتاق ھالدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشىغا جاۋاب سۈپىتىدە ماس قەدەمدە ئىجرا قىلىنغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەرگە ئەمەل قىلىنىدىغانلىقى تەكرارلاندى.

باياناتتا، «ئېمبارگولىرىمىزنى ئىجرا قىلىش ۋە ئېمبارگولاردىن يىراق تۇرۇش ياكى قېچىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇ نۇقتىدا، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولىرىمىزغا قېتىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر