ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گىرېنفېلد ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

1949188
ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە يىغىن چاقىرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گىرېنفېلد خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە خىتابەن قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ 18 – ، 19 – فېۋرال (2023) كۈنلىرى ئۆتكۈزگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى لىندا توماس گىرېنفېلد بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئەيىبلەپ باياننامە ئېلان قىلىشقا چاقىردى، ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئورتاق جاۋاب قايتۇرماسلىقىنىڭ پىيوڭياڭنى قورقماستىن مۇقىمسىزلاشتۇرغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇردۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گىرېنفېلدمۇنداق دېدى:

«شىمالىي كورېيەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن قوغدايدىغانلار ئاسىيا رايونى ۋە پۈتۈن دۇنيانى توقۇنۇش خەۋىپىگە ئىتتىرمەكتە.»

لىندا توماس گىرېنفېلد خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بۇ ئىككى دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا توسالغۇ بولۇشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، شىمالىي كورېيە دۇئېل ئېلان قىلىپ، داۋاملىق يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر