فايسال بىن فەرخان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە مانا ئەمدىلىكتە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1948202
فايسال بىن فەرخان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىن فەرخان گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدىكى «ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ رولى» غا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرە يىغىندا، ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى، يادرو مۇزاكىرىلەر، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

فايسال بىن فەرخان، «سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇزۇندىن بۇيان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلدى. ھازىر بىز بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا كۆرمەكتىمىز. بۇ توغرىلىق ئىران بىلەن ئالاقە قىلىش كېرەك» دېدى.

بىن فەرخان ئۆزلىرىنىڭ ئىرانغا قوراللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ رايونغا پايدىسى يوقلىقىنى ۋە چوقۇم توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى  بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىن فەرخان ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «مۇزاكىرىلەرگە قايتىشقا ئېھتىياج بار، ئەمما بۇ چوقۇم پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئەتراپلىق كۆز قارىشى بىلەن بولۇشى كېرەك» دېدى.

بىن فەرخان قوشنا دۆلەتلەرگە ئۆچمەنلىكى بولغان بىر دۆلەتنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشنىڭ ھەممەيلەننى «ئۆزىنى قوغداش» قا ئىتتىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىن فەرخان ئوتتۇرا شەرقنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە، «بەزى مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقىغا ئىگەمىز، بۇ مەلۇم بىر مەسىلە. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى ئاساس قىلىمىز» دېدى.

بىن فەرخان سۈرىيە مەسىلىسىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملاشماسلىقى ئۈچۈن ئەرەب دۇنياسىدا ئورتاق تونۇش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چەتئەلدىكى سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ۋە سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر