پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە قوراللىق كىشىلەر بىر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلدى...

1948107
پاكىستاننىڭ  كاراچى شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە قوراللىق كىشىلەر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ ساقچىلار بىلەن قوراللىق ھۇجۇمچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئىككى ھۇجۇمچى بىر تەرەپ قىلىندى.

پاكىستان تاراتقۇلىرى، 8  — 10 كىشىلىك قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ كاراچى ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ساقچىلار بىلەن ھەربىي قىسىملار بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 18 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار، ھۇجۇمچىلارنىڭ ساقچى فورمىسى كىيىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

«داۋن گېزىتى»، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر