يېڭى زېلاندىيەدە «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى

يېڭى زېلاندىيەدە «گابرىئېل» ناملىق بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى.

1946344
يېڭى زېلاندىيەدە «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە دائىرىلىرى «مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاۋا رايى ھادىسىسى» دەپ ئاتىغان قارا يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن يېڭى زېلاندىيەنىڭ  شىمالىي ئارىلىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى كىرىس ھىپكىنس بوران – چاپقۇننىڭ ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئاپەت سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرى ۋەيران بولدى، كۆپ ساندىكى ئۆيلەردە توك ئۈزۈلۈپ قالدى.»

ئاپەتتىن كېيىن، پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر