كانادادا بايقالغان ۋە ئېتىپ چۈشۈلگەن نامەلۇم جىسىم خىتايغا تەۋە جاسۇسلۇق شارىمۇ؟

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە F-22 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ يوكون رايونى ھاۋا تەۋەلىكىدە نامەلۇم بىر جىسىمنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1945333
كانادادا بايقالغان ۋە ئېتىپ چۈشۈلگەن نامەلۇم جىسىم خىتايغا تەۋە جاسۇسلۇق شارىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «كانادانىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن نامەلۇم جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بەردىم. شىمالىي ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى مۇداپىئە قوماندانلىق ئورگىنى (NORAD) يوكون رايونى ھاۋا تەۋەلىكىدىكى نامەلۇم جىسىمنى پاچاقلاپ تاشلىدى. كانادا ۋە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، نامەلۇم جىسىمغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەردى» دېدى.

كانادا باش مىنىستىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «كانادا ئارمىيەسى ئەمدىلىكتە جىسىمنىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىپ تەكشۈرىدۇ. شىمالىي ئامېرىكانى كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن شىمالىي ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى مۇداپىئە قوماندانلىق ئورگىنى (NORAD) قا رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

باش مىنىستىر ترۇدو بۇ جىسىمنىڭ شار ياكى ئايروپىلان ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى يادرو قوراللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان مونتانا ئىشتاتىدا نورمالسىز رادار ھەرىكىتىنى بايقىغانلىقى سەۋەبىدىن رايوننى قىسقا ۋاقىتلىق ئۇچۇشقا تاقىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ چەكلىمە بىكار قىلىندى.

ئامېرىكا بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاينىڭ كۆزىتىش شارىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى ۋە كېيىن شارنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ئاسمىنىدا ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئانالىزچىلار، كانادادا بايقالغان ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن نامەلۇم جىسىمنىڭ خىتايغا تەۋە بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر