زېلېنىسكى ئەنگلىيەدە

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

1943961
زېلېنىسكى ئەنگلىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى ئولتۇرغان ئايروپىلان ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ستانستېد ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

زېلېنىسكىنى ئايرودۇرۇمدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك قارشى ئالدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: « ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىنىڭ ئەنگلىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.»

 ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى 2022 – يىلى 24 – فېۋرال كۈنى باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

زېلېنىسكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى 2022 – يىلى دېكابىر ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر