ياۋروپادىن كەلگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ سانى 1500 گە يېقىنلاشتى
ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش رايونلىرىغا يېتىپ بارغان ياكى بارىدىغان ياردەم بېرىش خادىملىرى سانى 1500 گە يېقىنلاشتى.
1943956

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرىدە يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى دائىرىسىدە تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن گۇرۇپپىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يېڭىلىدى.