ياپونىيەلىك پىروفېسسور: تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى
ياپونىيە يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور شىنجى تودا، قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشنىڭ دۇنيادىكى قۇرۇقلۇقتا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
1943987

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توخوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئاپەت ئىلمى تەتقىقات كافېدراسى پىروفېسسورى شىنجى، ياپونىيەنىڭ «ئاساھى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەش توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.