ياۋروپادىن تۈركىيەگە ياردەم ئەترىتى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر سانى 21 گە يەتتى
تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ياۋروپادىكى 21 دۆلەتتىن 30 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە داۋالاش ئەترىتى ئاپەت رايونلىرىغا قاراپ يولغا چىقتى، 11 ئەترەت تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مەركىزى قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرى بولغان ۋە 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى دائىرىسىدە، ھازىرغىچە 30 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش ئەترىتى تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققان.
ھازىرغىچە بۇ ئەترەتلەردىن 11 ى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسى يەر تەۋرەش ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلاردا تۇنجى قۇتقۇزۇش ئەترىتى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت، قاراتاغ ۋە ئالبانىيە قاتارلىق 21 ياۋروپا دۆلىتىدىن 1200 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن ياكى ئەۋەتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، 79 ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئىتلىرىمۇ بۇ ئەترەتلەر بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم قازا قىلدى
ئافغانىستاننىڭ 23 ۋىلايىتىدە ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.