ئەگە دېڭىزىدا كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 4 ئادەم ئۆلدى

ئەگە دېڭىزىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1943220
ئەگە دېڭىزىدا كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 4 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ (ERT) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىدىللى ئارىلى دېڭىز ساھىللىرىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە پروۋوسكىدا رايونىدا تاشلارغا سوقۇلۇپ كەتكەن.

قازادا كېمىدىكى 41 كىشىدىن 4 ى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 16 سى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

شىددەتلىك بوران – چاپقۇننىڭ تەسىرىدە كۆپ ساندا كىشى يوقاپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر