سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى رايونلاردا ماتەم ئېلان قىلىندى

سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى شىمالدا قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى، مەكتەپلەرنىڭ 11-فېۋرالغىچە (2023) قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1943363
سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى رايونلاردا ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان رايونلاردا يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن كىرىزىسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بارلىق ئىماكانىيەتلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزەتلىرى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «سۈرىيەدىكى ئازاد قىلىنغان رايونلاردا ماتەم ئېلان قىلىندى. ئۇنىۋېرستېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار 11-فېۋرالغىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى» دېيىلدى.

تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن (6-فېۋرال) 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەشلەردە، سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا 1602 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 3 مىڭ 649 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر