ئاۋستىرىيە ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى قار كۆچۈش ۋەقەلىرىدە يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئاۋستىرىيەنىڭ تىرول ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قار كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە تىرول ئۆلكىسى ساقچىلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋستىرىيەنىڭ لاڭگېنفېلد ئىم ئوتزتال، كائۇنېربېرگ، دېبانتال، سىت ئانتون ۋە ئىم ئارلبېرگ رايونلىرىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا قار كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۈچ تەنھەرىكەتچى، شوپۇر ۋە ساياھەتچى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
شىېيتسارىيەدىمۇ قار كۆچۈش سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
شىۋېيتسارىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋېيتسارىيەنىڭ گرۇبېندېن كانتوندىكى قار كۆچۈش سەۋەبىدىن قار تېيىلىش يولى سىرتىدا تېيىلىۋاتقان ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
كانتون ساقچىلىرى گۇرۇپپىدىكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ قار ئېقىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ساق-سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچىلار جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بىرسى ئايال، يەنە بىرسىنىڭ ئەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.