ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيەگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيەنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

1942644
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيەگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا مەركىزى قاھرامانماراش بولغان تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

تاھا تەزىيە باياناتىدا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ۋە بارلىق ئىتتىپاقداشلارنى تۈركىيەنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ ئىسلام دۇنياسىنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىرلىكنىڭ، رايون دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە مەركىزى قاھرامانماراش ۋىلايىتى بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»

قاتارمۇ تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.

قاتار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «<يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش> شوئارى ئاستىدا تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئاپەت رايونلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلاندى.»

باياناتتا، پائالىيەت دائىرىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىدىن سىرت يەنە،  تىببىي ياردەملەرنىمۇ ئاپەت رايونلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

باياناتتا يەنە، ھەم ساخاۋەتچىلەر بۇ پائالىيەتكە تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىنغان، ھەمدە دائىرىلەردىن، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر