زېلېنسكىي رۇسىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئەسىر ئالماشتۇرۇش ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 2022 - يىلى 24 - فېۋرالدىن بۇيانقى رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا، جەمئىي 1762 ئۇكرائىنالىقنىڭ رۇسىيەنىڭ تۇرمىلىرىدىن  قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1942042
زېلېنسكىي رۇسىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئەسىر ئالماشتۇرۇش ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي تېلېگرامما ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بۇ قېتىمقى ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا يەنە 116 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

زىلېنسكىي ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ بىر قانچە ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «2022 - يىلى 24 - فېۋرالدىن بۇيانقى رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا، جەمئىي 1762 ئۇكرائىنالىق رۇسىيە تۇرمىسىدىن  قۇتۇلدۇرۇلدى» دېدى.

زېلېنسكىي  يەنە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇكرائىناغا قورال ياردەم قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەنگىلىيەگە تەۋە «Challenger 2» تانكىسىنى ئىشلىتىش مەشقىنى باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي: «بىزنىڭ ئادەملىرىمىز (ئەسكەرلىرىمىز) ئاللىقاچان ئەنگىلىيەنىڭ «Challenger 2» تانكىسىنى ئىشلىتىش مەشىقىنى باشلىدى» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنادا 346 كۈندىن بۇيان ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر