زاخاروۋا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىق چاقىرىقى ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىق چاقىرىقىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1942053
زاخاروۋا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىق چاقىرىقى ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاخاروۋا يازما باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئۈستىدە توختالدى.

زاخاروۋا غەربنىڭ ئۇكرائىنانى ئۇرۇش ئۈچۈن قوللاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ باشلىقلار يىغىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ زومىگەرلىك ئارزۇسىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كىيېۋدىكى ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنى بىپەرۋالىق بىلەن قوللاشنى داۋامشلاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئۈچۈن 12 مىليارد ياۋرو ئاجراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن زاخاروۋا، بۇنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زاھاروۋا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى توقۇنۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن <مەيلى قانچىلىك داۋاملاشسا، داۋاملاشسۇن>  مەنتىقى بىلەن مەبلەغ سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىكەن، ئۇنداقتا تىنچلىق چاقىرىقى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بولىدۇ» دېدى.

زاخاروۋا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر