ئامېرىكا خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى» نى ئېتىپ چۈشۈردى
ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى» ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشىگە سەۋەب بولغان خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى»، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.
ھەجىمى ئۈچ ئاپتوبۇسىنىڭ چوڭلۇقىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە 18 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى» نىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتايغا تەۋە «جاسۇسلۇق شارى» » نىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ: «چارشەنبە كۈنى ماڭا شار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەندە، مەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۇنى تېزدىن ئېتىپ چۈشۈرۈشنى بۇيرۇدۇم» دېدى.
بايدىن خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى» قۇرۇقلۇقىمىز ئۈستىدىكى چاغدا ھېچكىشىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن (ئېتىپ چۈشۈرۈشكە مۇناسىپ) «ئەڭ ياخشى پەيت» نى كۈتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئېتىپ چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەسكەرلەرنى تەبرىكلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىنمۇ يازما باياناتىدا: «خىتاينىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك جايلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشقا سالغان جاسۇسلۇق شارى ئامېرىكا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلدى» دېدى.
ئوستىن ئامېرىكا ئارمىيەسى قوماندانلىرىنىڭ «قۇرۇقلۇقتىكى چاغدا شارنى ھەجىمى، ئېگىزلىكى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈشنىڭ كېرەكسىز خەتەر پەيدا قىلىدۇ» دېگەن قارارغا كەلگەنلىكلىرىنى، شارنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئىستىخبارات توپلاش پائالىيىتىنىڭمۇ يېقىندىن كۆزىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلىشىشى ۋە قوللىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى2 - فېۋرالدا (2023) خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شارنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي مەسئۇللىرى بولسا، شارنىڭ خىتايغا تەۋە پۇقراۋى ھاۋا ئاپپاراتى ئىكەنلىكىنى، مېتېرولوگىيەلىك تەتقىقاتقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى، شامالنىڭ سۆرەپ كېتىشى سەۋەبىدىن خاتا ھالدا ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.