خىتاي «جاسۇسلۇق شارى» نىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي «ئىستىخبارات مەقسەتلىك» دېگەن گۇمان بىلەن ئامېرىكانىڭ خىتايغا تەۋە شارنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1942036
خىتاي «جاسۇسلۇق شارى» نىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
cin casus balonu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «خىتاي ئامېرىكانىڭ پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپاراتىغا قورال ئىشلەتكەنلىكىگە غەزەپلەنمەكتە ۋە ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ» دېيىلدى.

خىتاينىڭ باياناتىدا، ۋاشىنگىتون دائىرىلىرىگە شارنىڭ پۇقراۋى مەقسەتلىك ئىكەنلىكى، زورلاش خاراكتېرلىك سەۋەبلەر بىلەن ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ قالغانلىقىنىڭ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكى، مەسىلىنى تەمكىن، كەسپىي شەكىلدە ۋە مۆتىدىللىق بىلەن ھەل قىلىنىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شارنىڭ يەر يۈزىدىكى خادىملارغا ھەربىي ياكى جىسمانىي تەھدىت ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ئامېرىكا تەرەپ قورال ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قائىدە – قانۇنلارغا ئوچۇق ھالدا خىلاپلىق قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ ۋەقەدە زىيانغا ئۇچرىغان شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى ھەمدە كېرەكلىك ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) 2 - فېۋرالدا خىتايغا تەۋە يۇقىرى ئېگىزلىك ئىستىخبارات شارىنىڭ، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شارنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى شارنىڭ خىتايغا تەۋە پۇقراۋى ھاۋا ئاپپاراتى ئىكەنلىكىنى، مېتېورولوگىيەلىك تەتقىقاتقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى، شامالنىڭ سۆرەپ كېتىشى سەۋەبىدىن خاتا ھالدا ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى»، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقدىن دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر