ھىندىستان،  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە فىرانسىيە  ئۇچ تەرەپ ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇردى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فىرانسىيە ۋە ھىندىستان «ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق تەشەببۇسى» ناملىق تەشكىلات قۇردى.

1942046
ھىندىستان،  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە فىرانسىيە  ئۇچ تەرەپ ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAM» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زەيىد، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىن كولوننا ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

خەۋەردە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فرانسىيە ۋە ھىندىستان تەرىپىدىن «ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق تەشەببۇسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ تەشەببۇسنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق لايىھەلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش مۇنبىرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خەۋەردە، بۇ تەشەببۇسنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قويۇق ھەمكارلىق ساھەلىرى، ماسلىشىش، تەرەققىيات ۋە بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۈچ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسدا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ۋە مەشىق پۇرسىتى يارىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ ھەقتە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ يول خەرىتىسىنىڭ مىنىستىرلار تەرىپىدىن سىزىپ چىقىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق تەشەببۇسىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ساھەلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كۈلتۈر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى كۈرەش قاتارلىقلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر