ۋۇچىچ سېربىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇچىچ، دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا قوشۇلۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1941944

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇچىچ، سېربىيە مەجلىسىنىڭ كوسوۋو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن فىرانسىيە – گېرمانىيە پىلانىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا جەريانىدا، دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «سېربىيە ناتوغا قوشۇلۇشنى خالىمايدۇ. سېربىيە ھەربىي بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ياۋروپاغا ماسلىشىش بىلەن ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا ماسلىشىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار» دېدى.