تېررورچىلار نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقاردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ، سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرۇززۇر ۋىلايىتى ئەرەب ئاھالىسىنىڭ تەشكىلاتنىڭ يېزا – بازارلارنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا قارشى نامايىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوق چىقاردى.

1941945
تېررورچىلار نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان دەيرۇززۇر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان سەبھا ۋە ئەبرەھىييە بازارلىرىدا ئونلارچە كىشى تەشكىلاتقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاتالمىش ​​تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ خەلققە بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان تەشكىلات، نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇقرالارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ئەمما تېررورچىلار سەبھا ۋە ئەبرەھىييە بازارلىرىدا ئۈچ كۈنلۈك كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى  يولغا قويغان.

كۆپ سانلىق ئاھالىسى ئەرەبلەردىن تەركىب تاپقان دەيرۇززۇرنىڭ نۇرغۇن ئاھالىلەر رايونلىرىدا يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇدا بىر قانچە قېتىم پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ، قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، يەنە بىر تەرەپتىن، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

دەيرۇززۇرنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلىرى 2017-يىلىدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر