شىۋېتسىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن پۇل توپلىغان بىر كىشى قولغا ئېلىندى
شىۋېتسىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئۈچۈن پۇل توپلىغان بىر كىشى قولغا ئېلىندى.
1941901

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە SR رادىيوسى، 40 ياشلاردىكى بىر كىشىنىڭ تېررورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىش، بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ھەمدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.