ب د ت ئامېرىكا - خىتاي جىددىيچىلىكىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىدە خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى» بايقالغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1941942
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «جاسۇسلۇق شارى» توغرىسىدا توختالدى؛ ب د ت نىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بولۇپمۇ بۇ مەسىلىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا يول تېپىشى كېرەك. مەن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى نەزەردە تۇتۇپ، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى <مەسئۇلىيەتچانلىق> دەپ قارايمەن» دېدى.