رېزنىكوۋ: ئىتتىپاقداشلىرىمىز بەرگەن قورال – ياراغلار بىلەن رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلمايمىز
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ ئىتتىپاقداشلىرى بەرگەن قورال – ياراغلار بىلەن رۇسىيەنىڭ زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ پايتەخت كىيېۋدا چاقىرىلغان ئۇكرائىنا – ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يىغىنىدا، ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قىلغان قورال - ياراغ مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، «ۋەتەنپەرۋە» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە «SAMP-T» سىستېمىلىرىدىن سىرت يەنە، « IRIS-T » ۋە « NASAMS» سىستېمىلىرىنىڭمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
رېزنىكوۋ ئۇكرائىنانىڭ، يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىن زەربە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشسەك، رۇسىيە ئارمىيەسى مۇداپىئە لىنىيەسى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇكرائىنا، قورال - ياراغلىرىنىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىدىكى ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تەييار. ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايوندا يېتەرلىك زەربە بېرىش نىشانى بار. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئورتاق زەربە بېرىش نىشانى تاللاشقا تەييارمىز.»