مېكسىكادا قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
مېكسىكانىڭ مىچوئاكان ئىشتاتىدا قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1941475

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىچوئاگان ئىشتاتىغا قاراشلىق تۇزانتىلا شەھىرىدە رەقىب قارا گۇرۇھلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
ئۇدا بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان ھۇجۇمدا، كۆپ ساندا كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
توقۇنۇشتىن كېيىن، رايوندا كۆيۈپ كەتكەن ئالتە ئاپتوموبىل تېپىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، مېكسىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوندا كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مېكسىكا باش تەپتىش مەھكىمىسىمۇ ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.