بايدىن ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1941526
بايدىن ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىراقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە يەر شارىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

بايدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراق بىلەن ئىمزالانغان ئىستىراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانىنىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر يەنە، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانىنىڭ ئىراقنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى تەستىقلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىننىڭ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككى رەھبەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قايتا ئىراق خەلقى، رايون ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىغا يول قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەھدە قىلدى، شۇنداقلا، كەلگۈسى ئايلاردىمۇ داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى قارارلاشتۇردى.»

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە، ئاقسارايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ دۆلىتىنىڭ ئىراقنىڭ ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك ئۇل- ئەسلىھە لايىھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر