ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 20 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.

1941087
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن مەھبۇسلار جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەتىگەندە (2-فېۋرال) پەلەستىننىڭ بىر قانچىلىغان شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە 20 پەلەستىنلىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلاردىن 15 نەپىرىنىڭ راماللاھ ۋە ئەل بىرە شەھەرلىرىدىن ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا دائىم دېگۈدەك بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا ۋە ھەر تۈرلۈك ئەيىبلەشلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر