ئەرەب دۆلەتلىرگە ناچار ھاۋا رايى تەسىر كۆرسەتمەكتە

شىددەتلىك يامغۇر، بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى، مىسىر، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، كۇۋەيت، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردە، قاتناش ، ساغلاملىق ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

1940880
ئەرەب دۆلەتلىرگە ناچار ھاۋا رايى تەسىر كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر يەرلىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئەل-بۇرۇللۇس، شەرقتىكى ئەل-ئارىش ۋە ئاس-سۇخنە پورتلىرىنىڭ «شامال سۈرئىتىدىكى ئېشىش ۋە دېڭىز دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن تاقالغانلىقى» خەۋەر قىلىندى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، مىسىرنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا ھەددىدىن زىيادە ھۆل-يېغىن، بوران ۋە ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە توك سوقۇشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن دېھقانچىلىق ھايۋانلىرىنىڭ ھالاك بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە كۇۋەيتتە قاتتىق بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

 باياناتتا، چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈش مۇساپىسىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىنلىكى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

لىۋان مېتېرولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ يازما باياناتىدا، «فاراھ» دەپ ئاتىلىدىغان بوراننىڭ ھەپتە ئاخىرىغىچە تەسىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر