شىۋېتسىيەدە قۇرئان كەرىمگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك داۋاملاشماقتا
شىۋېتسىيەنىڭ كارلسكرونا شەھىرىگە قاراشلىق روننېبى ناھىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۈستىگە ۋە ئىچىگە ھاقارەت يېزىلغان ئۈچ قۇرئان كەرىم تېپىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «SVT» نىڭ خەۋىرىدە، ئۈستىگە ئۆلۈم تەھدىتى يېزىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدە تېپىلغانلىقى، قالغان قۇرئانلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىن تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
روننېبى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى گۇدلاگ ھىلمارسدوتتىر «SVT» غا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەقەدىن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى ۋە قۇرئاننىڭ ھايات يېتەكچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
روننېبىدا 2020 - يىلىدىمۇ مۇسۇلمانلار مەسچىت سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بىنانىڭ ئالدىغا كۆيدۈرۈلگەن قۇرئان كەرىم بەتلىرى ۋە چوشقا گۆشلىرى تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. گەرچە ساقچىلار ۋەقەگە قارىتا «نەپرەت جىنايىتى» تەكشۈرۈشى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، جىنايەتچىلەر تۇتۇلمىغان ئىدى.
بۇ يىل (2023) 21 – يانۋاردا شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچى قاتتىق يۆنىلىش پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن ۋە ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت جەريانىدا ھېچكىمنىڭ پالۇدانغا يېقىنلىشىشىغا يول قويۇلمىغان ئىدى.
پالۇداننىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشى ئۈچۈن شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسەت بەرگەنلىكىگە قارىتا تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
پالۇدان 27 - يانۋاردىمۇ دانىيەدىكى بىر جامەنىڭ ئۇدۇلىدا، كوپېنھاگېندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن ئىدى.
گوللاندىيەدە «ئىرقچى غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار ھەرىكىتى (PEGIDA) نىڭ رەھبىرى ئېدۋىن ۋاگېنسۋېلد لاھەي شەھىرىدە يالغۇز قىلغان پائالىيىتىدە قۇرئان كەرىمنى يىرتقان ئىدى.
تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.