رۇسىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە ئۇكرائىنانى قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى.

1940996
رۇسىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنانى قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە، دۆلەتلەرنى جۇغراپىيەلىك پىرىنسىپ بويىچە ئايرىمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانى قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلەۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، بىز بۇ قورال – ياراغلارنىڭ قانۇنلۇق زەربە بېرىش نىشانى رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى دەپ قارايمىز. دەرۋەقە، بىزنىڭ مەيدانىمىز ھەممىگە ئايان. شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى، قوشۇمچە ياكى يېڭى قورال - ياراغ سېتىۋېلىش تەشەببۇسى كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، خالاس. ھەممە بۇ ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكانىڭ «‹CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرى» نى ۋە «ئىراننىڭ قورال - ياراغ ئىشلەپچىقىرىشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكلىرى» نى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر