بايدىننىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ دېلاۋار ئىشتاتىدىكى تۇرالغۇسىنى ئاختۇردى.

1940961
بايدىننىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئادۋوكاتى بوب باۋيېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئاختۇرۇشنىڭ شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:30 دىن چۈشكىچە داۋاملاشقانلىقىنى، ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە بايدىننىڭ ئۆيىدە «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ تېپىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

باۋيېر، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاختۇرۇش دائىرىسىدە بايدىننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە قولدا يازغان بەزى خاتىرىلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

جو بايدىننىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن رىچارد سائۇبېر 9-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، بايدىننىڭ پېن بايدىن مەركىزىدىكى شەخسىي ئىشخانىسىدا، 2-نويابىر كۈنى (2022) ئۇنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدىن قالغان ئاز سادا «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

22 – يانۋار كۈنى (2023) پىرېزىدېنت بايدىننىڭ دىلاۋار ئىشتاتىدىكى تۇرالغۇسىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا يېڭى بىر يۈرۈش «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ تېپىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

پىرېزىدېنت بايدىن ئىشخانىسىدىن «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ «ھەيران قالغانلىقى» نى ئېيتقان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھۆججەتلەردىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى  ئالاھىدە ھوقۇقلۇق بىر تەپتىش ئەمەلدارىنى بۇ ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر