ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «يۇقۇم ئاخىرلاشتى» ناملىق قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «19-كوۋىد» يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان «دۆلەتلىك جىددىي ھالەت» نىڭ دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇلۇشىنى نىشان قىلغان «يۇقۇم ئاخىرلاشتى» ناملىق قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىندى.

1940457
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «يۇقۇم ئاخىرلاشتى» ناملىق قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئاۋام پالاتاسىدا، «19-كوۋىد» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2020 - يىلى دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ئېلان قىلىنغان «ئاممىۋى ساغلاملىق جىددىي ھالىتى» نى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

«يۇقۇم ئاخىرلاشتى» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى ،210 رەت ئاۋازغا قارشى 220 قوللاش ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋامنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇم بىلەن بىرلىكتە باشلانغان ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتى قاتارلىق بىر قاتار بەلگىلىمىلەرگە قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۇلتۇر «19-كوۋىد يۇقۇمى ئاخىرلاشتى» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا، بۇ قانۇن لايىھەسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

ئاقساراي باشقۇرۇش ۋە خامچوت ئىشخانىسى تۈنۈگۈنكى (31-يانۋار) باياناتىدا، «19-كوۋىد» سەۋەبىدىن «دۆلەتلىك جىددىي ھالەت» ۋە «ئاممىۋى ساغلاملىق جىددىي ھالىتى» نىڭ، سەھىيە سىستېمىسىدىكى قالايمىقانچىلىق ھەمدە ئېنىقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 11 - مايدا (2023) بېكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ دېموكراتچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىدىن ئۈمىد يوق. پىرېزىدېنت بايدىن ئەگەر كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ماقۇللانغان تەقدىردە بۇ قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر