تۈركىيە ۋە ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلەر شىۋېتسىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشون: «تۈركىيە ۋە ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ، شىۋېتسىيەنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى ۋە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانچىلىك خەتەرلىك چوڭ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى.

1940423
تۈركىيە ۋە ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلەر شىۋېتسىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشون ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ شىۋېتسىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈركىيەگە قارشى نامايىشلار، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان پايتەخت ستوكھولدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانچىلىك قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەقلىد قىلىنغان بىر قونچاقنىڭ پۇتىدىن تەتۈر ئېسىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شىۋېتسىيەدە يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان كىچىك گۇرۇپپىلار ۋە كىشىلەرنىڭ قىلغان نامايىشلىرى قانۇنلۇق بولسىمۇ، تەتۈر تەشۋىقاتقا ئايلىنىپ كەتتى. شىۋېتسىيەنى ئىسلام دۈشمىنى دۆلىتىدەك تەسىر پەيدا قىلدى. بۇنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى ۋە چەت ئەللەردىكى شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانچىلىك خەتەرلىك چوڭ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى.

ئۇ بۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ شىۋېتسىيەگە قارشى تۇرغۇچىلارغا پايدىلىق بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نامايىشچىلارنى «ئەخمەقلەر» دەپ ئاتىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر