ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىججارتو باشقا بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىنى كۆيدۈرۈش ۋە ھاقارەتلەشنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1940212
ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىججارتو شىۋېتسىيەدە ئاشقۇن ئوڭ قانات سىياسەتچى راسمۇس پالۇداننىڭ ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئاننى كۆيدۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

سىججارتو ھەر قانداق بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى ياكى سىمۋوللىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە ۋەياكى ھاقارەتلىنىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:

«مەن بىر خىرىستىيان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنى تەقۋادار كاتولىك خىرىستىيان بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، باشقا بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىنى كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنى ھاقارەتلەشنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. باشقا بىز دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىنى كۆيدۈرۈشنى <پىكىر ئەركىنلىكى> دېيىش (ئەپۇ قىلىڭ، ئەمما) ھاماقەتلىكتۇر. ھازىر بىر دۆلەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا قوشۇلۇشنى خالىسا ۋە تۈركىيەنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولسا، ئۇنداقتا سەل ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر